比赛规程

2015-09-04 22:49:56

كەلپىن ناھىيە قۇملۇق بەيگە كەپتەر كۇلۇبىنىڭ 2015-يىل  3-نۆۋەتلىك كۈز پەسىللىك مۇسابىقە قائىدىسى تەشكىللىگۇچى ئورۇن:قۇملۇق بەيگە كەپتەر كۇلۇبى نازارەت قىلغۇچى ئورۇن: كەلپىن ناھىيىلىك تەنتەربىيە باش جەمىيىتى مۇسابىقە لىنىيەسى :شەرىق يولىنىشى بويىچە بولۇدۇ. كۈز پەسىللىك مۇسابىقە: 1. 150كىلومېتىرلىق سالاھىيەت مۇسابىقىسى 2. 200كىلومېتىرلىق 1-ئوتكەل مۇسابىقىسى (ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسى) ۋە(ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسى)، 3. 300كىلومېتىرلىق 2-ئوتكەل مۇسابىقىسى ،( ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسى)ۋە  ( ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسى) 4.. 420كىلومېتىرلىق3-ئوتكەلىك ئالاھىدە مۇسابىقە دىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك مۇسابىقە  ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇسابىقە ۋاقتى،  قويۇپ بېرىش نوقتىسى،  ھەق يىغىش ئۆلچىمى ۋە كەپتەر يىغىش ۋاقتى: 1. 2015-يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى 45 كىلومېتىر مەشىق قويۇپ بېرىلىدۇ، ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن 1.00 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. قويۇپ بېرىش نوقتىسى:  چىلان يول ئايرىش. كەپتەر يىغىش ۋاقتى؛شىنجاڭ ۋاقتى ئەتتىگەن 4:00دىن 5:000گىچە بولۇدۇ.)45كىلومىتىرغىچە بولغان مەشقلەرنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولۇدۇ) 2.  2015-يىل 9-ئاينىڭ 13-كۇنى 60كېلومىتىر مەشىق قويۇپ بىرلىدۇ.ھەر بىر كەپتەر ئۇچۇن 1.00يۇەن مەشىق ھەققى ئېلىنىدۇ. 3-تۇۋەن ماي قاچىلاش پونكىتى. كەپتەر يىغىش ۋاقتى: شۇكۇنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 4:00دىن 5:00غىچە. كېچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. 3. 2015-يىل 9- ئاينىڭ 16-كۇنى80 كىلومېتىر مەشىق قويۇپ بېرىلىدۇ ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن 2.00 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. قويۇپ بېرىش نوقتىسى:  3-تۇۋەن كەپتەر يىغىش ۋاقتى: شۇكۇنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 4:00دىن 5:00غىچە. كېچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.. 4. 2015-يىل 9- ئاينىڭ 19-كۇنى 120 كىلومېتىر مەشىق قويۇپ بېرىلىدۇ ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن 3.00 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. قويۇپ بېرىش نوقتىسى:  ئاۋات سەنچاڭ. كەپتەر يىغىش ۋاقتى: ئالدىنقى كۇنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 5:00دىن 7:00غىچە. كېچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. 5.. 2015-يىل 9- ئاينىڭ 23-كۇنى كىلومېتىر150 سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىدۇ، ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن 5.00يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. قويۇپ بېرىش نوقتىسى : تارىم سۇ ئامبىرى. كەپتەر يىغىش ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 5:00دىن 7:00غىچە كەپتەر يىغىلىپ تىزىملىنىدۇ، كېچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. 6. 2015-يىل 9- ئاينىڭ 26- كۈنى  200كىلومېتىرلىق 1-ئوتكەل مۇسابىقىسى (ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسى) ۋە(ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسى) ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن 20يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. قويۇپ بېرىش نوقتىسى : يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ئارقىلىق بىكىتىلىدۇ.(210-ئولكە يولى 205كىلومىتىرلىق نوقتا) كەپتەر يىغىش ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 5:00دىن 7:00غىچە كەپتەر يىغىلىپ تىزىملىنىدۇ، كىچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. 7.  2015-يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنى 300كىلومېتىرلىق 2-ئوتكەل مۇسابىقىسى ،( ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسى)ۋە  ( ئالاھىدە ھالقا مۇسابىقىسى) ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن 30.00 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. قويۇپ بېرىش نوقتىسى : شايار قاسقان فىرما كەپتەر يىغىش ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 2:00دىن 5:00غىچە كەپتەر يىغىلىپ تىزىملىنىدۇ، كېچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. 8. 2015-يىل 10- ئاينىڭ 6- كۈنى  420كىلومېتىرلىق3-ئوتكەلىك ئالاھىدە مۇسابىقە  ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر بىر كەپتەر ئۈچۈن50 يۈەن ھەق ئېلىنىدۇ. قويۇپ بېرىش نوقتىسى: يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ئارقىلىق بىكىتىلىدۇ. كەپتەر يىغىش ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 2:00دىن 5:00غىچە كەپتەر يىغىلىپ تىزىملىنىدۇ، كىچىكسە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. مۇكاپات سوممىسى: 1. مۇكاپات سوممىسى يۇقارقى مۇسابىقىدە يىغىلغان ھەق بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.  150 كىلومېتىر سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە يىغىلغان پۇل كۇلۇپنىڭ  باشقا مۇسابىقە چىقىملىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.( كىرا،كەپتەر قۇيۇپ بىرىشكە بارغانلارنىڭ كاماندۇرۇپكىسى،تاماق،كارانتىن ھەققى، ئىچىملىك قاتارلىقلار)ئاشقان قىسىمى 3-ئوتكەلنىڭ مۇكاپاتىغا قوشۇلىدۇ. 2. 200كىلومېتىر ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسىدە يىغىلغان ھەقلەرنىڭ %10تى كۇلۇپنىڭ ھەر خىل چىقىملىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. %60تى 200كىلومېتىر ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتى قىلىپ تارقىتىلىدۇ. %30تى 420كىلومېتىر ئالاھىدە مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن قالدۇرۇلىدۇ. بىرىنچىدىن ئۈچىنچىگىچە مۇكاپات لوڭقىسى ۋە تەقدىرنامە، 4~20-گىچە  تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات سوممىسىنىڭ تارقىتىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
چىمپىيۇن ئىككىنچى ئۈچىنچى توتىنچى 5~21
%20 %15 %10 %5 %50
3. 300كىلومېتىر ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسىدە يىغىلغان ھەقلەرنىڭ %10تى كۇلۇبنىڭ ھەر خىل چىقىملىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. %60تى300كىلومېتىر ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتى قىلىپ تارقىتىلىدۇ. %30تى  420كىلومېتىرلىق ئالاھىدە مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن قالدۇرۇلىدۇ. بىرىنچىدىن ئۈچىنچىگىچە مۇكاپات لوڭقىسى ۋە تەقدىرنامە، 4~20-گىچە  تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات سوممىسىنىڭ تارقىتىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
چىمپىيۇن ئىككىنچى ئۈچىنچى توتىنچى 5~21
%25 %20 %10 %5 %40
4. 420كىلومېتىر ئادەتتىكى ھالقا مۇسابىقىسىدە يىغىلغان ھەقلەرنىڭ %10تى كۇلۇپنىڭ ھەر خىل چىقىملىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. %90 ۋە ئالدىنقى مۇسابىقىلەردە قالدۇرۇلغان پۇللار جەملىنىپ،  400كىلومېتىرلىق ئالاھىدە مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتى قىلىپ تارقىتىلىدۇ. بىرىنچىدىن ئۈچىنچىگىچە مۇكاپات لوڭقىسى ۋە تەقدىرنامە، 4~20-گىچە  تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات سوممىسىنىڭ تارقىتىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
چىمپىيۇن ئىككىنچى ئۈچىنچى توتىنچى 5~21
%30 %20 %10 %5 %35
5. 50 يۈەنلىك،100 يۈەنلىك،200 يۈەنلىك، 500 يۈەنلىك ۋە 1000كۆرسىتىلگەن كەپتەر ئالاھىدە مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپات سوممىسىنىڭ تارقىتىش ئۆلچىمى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: كۇلۇپ تەشكىللەش ھەققى ئۇچۇن %10 تۇتۇپ قالغاندىن باشقا قالغان %90 پۇل ئالدىنقى3كەپتەر گە تەخسىملەپ بېىلىدۇ.
چىمپىيۇن ئىككىنچى ئۈچىنچى
%40 %30 %20
6.ناۋادا ئالاھىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەردىن بىرسىمۇ كەلمىسە ياكى مۇسابىقە ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا كۇلۇپ تەشكىللەش ھەققى ئۇچۇن %10 تۇتۇپ قالغاندىن باشقا قالغان %90 پۇلق قايتۇرلۇپ بېرىلىدۇ. ئالاھىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەرنىڭ ھالقا نۇمۇرى توردا ئېلان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئىشلار: 1. يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىش ۋە رىغبەتلەندۇرۇش يۈزستىدىن كۆپلىگەن پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەر خىل ھالقا سېلىنغان، ساغلام بولغان كەپتەرلەرنى 2015-يىللىق  بارلىق مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرسا بولىدۇ. 2. بارلىق مەشىق ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر چوقۇم ساغلام بولىشى كېرەك. كېسەل كەپتەرلەرنى ئېلىپ كەلگۈچىلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.كەپتەرلەرنىڭ دەرىجسى ھەرمىنۇتلۇق تىزلىگى ئارقىلىق دەرىجگە تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى بويىچە تۇرغۇزلىدۇ. 3. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بارلىق كەپتەرلەر بىردەك ئۇچ قېتىملىق مەشىق ۋە  150كىلومېتىر سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە چوقۇم قاتنىشىشى شەرت. ناۋادا بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتمىسە قالغان مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىتى ئىلىپ تاشلىنىدۇ. مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلىدىن قاتنىشالمىسا، تولۇقلاپ ھەق تاپشۇرۇپ، كەپتەرگە تامغا ئۇرغۇزغاندىن كىيىن قالغان مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ. 4.  200كىلومېتىر، 300 كىلومېتىر،  420كىلومېتىر مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 7:30غىچە مەلۇم قىلىنپ بۇلىشى كېرەك. كىيىن قالسا نەتىجە بىردەك ئىناۋەتسىز بولىدۇ.  420كىلومېتىرمۇسابىقىدە شۇ كۈنى قايتىپ كەلگەن كەپتەر بولمىسا، ئىككىنچى كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت5:30غىچە مەلۇم قىلىنپ بولسا بولىدۇ. كىيىن قالسا نەتىجە بىردەك ئىناۋەتسىز بولىدۇ.سائەت ئۇرغان ۋاقىتتا 1-بۇش ئورۇندىن مەخپى چاپلاقىنى سېلىشى بوش ئورۇن قالماسلىقى كېرەك.بوش ئورۇن قالسا بارلىق نەتىنجسى ئىناۋەتسىز بولۇدۇ،ياكى سائەتنى ئىشلىتشنى بىلىمەي مەسىلە كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە ئوزى ئېگە. كەپتەرنى كۆتۇرۇپ كېلىپ مەلۇم قىلىشقا بولمايدۇ. مۇسابىقە ئاياقلىشىپ 3-كۇنى نەتىنجە ئالغان كەپتەرلەرنى تەكشۇرۇش ئېلىپ بىرلىدۇ.تەكشۇرۇشكە ماسلاشمىغانلارنىڭ مۇكاپىتى بىرىلمەيدۇ.مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەرقانداق كەپتەر قايتىپ كەلگەندىن كىيىن  بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەلۇم قىلىنشى كومپىيۇتىر ئارقىلىق تىزلىك ھىساپلىتىشى كېرەك .بولمىسا ئىسپاپ بىرىلمەيدۇ. 5. 200 كىلومېتىر،  300كىلومېتىر،  420كىلومېتىر مۇسابىقىدە تەبىئىي ئاپەت، يۇقۇملۇق كېسەل ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مۇسابىقە ئوتكۈزۈشكە مومكىن بولمىسا مۇسابىقە ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. مۇكاپات پۇللىرى كېڭەش ئەزالىرى قارار قىلىپ بىكىتىش ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ. 6. مۇسابىقە ئېلىپ بېرىشتا جۇڭگو پوچتا كەپتىرى باش جەمئىيىتىنىڭ «مۇسابىقە باشقۇرۇش قائىدىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش چارىسى » ئاساس قىلىنىدۇ. 7.مەشىق ۋە مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرلەر مەشىق ۋە مۇسابىقە جەريانىدا يوقاپ كەتسە ۋە تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن كەپتەرلەرگە زىيان يەتسە ۋە شۇنداقلا يوقاپ كەتسە كۇلۇبىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. 8. كۇلۇبىمىز مۇسابىقىنىڭ ھەقىقى، ئادىل، ئاشكارە، دوستانە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، كۇلۇبقا ئەزا بولغان بارلىق ھەۋەسكارلارنىڭ مۇسابىقە ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. 9. مەشىققە ئىككى ئادەم، مۇسابىقىگە ئۈچ ئادەم رىپىر بۇلۇپ قاتنىشىدۇ.بارلىق جەريانى سۇرەتكە تارتىلىدۇ ۋە سىنغا ئېلىنىدۇ. مۇسابىقە ئەھۋالى تۇردا ھەردائىم ئاشكارىلىنىپ تۇرۇدۇ. 10. كۇلۇبىمىز بارلىق ئەزا ھەۋەسكارلارنىڭ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشى ۋە كەپتەرلىرىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، مۇسابىقىدىن بۇرۇن كونا يېڭى ئەزالارنىڭ كەپتەرخانىسىنى ئارىلاپ تەكشۇرىدۇ. كەپتەرخانا پاكىز، ئازادە، ھاۋا ئۆتىشىدىغان بۇلىشى،  ھەرخىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا، دارىلار ۋاقتىدا ئەملەنگەن بۇلىشى، خاتىرىسى بولىشى، ئۈنۈمى بولغان بۇلىشى لازىم. بولمىسا «مۇناسىۋەتلىك ئىشلار»نىڭ 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 11. يېڭىدىن  ئەزا بولغۇچىلار تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك ھەقلەرنى تۇلۇق تاپشۇرۇپ ئاندىن مۇسابىقىگە قاتنىشى كېرەك. 12. ناۋادا مۇسابىقە ۋاقتىدا ھاۋارايى ياخشى بولماي مۇسابىقە ئېلىپ بېرىشقا ئامال بولمىسا، كۇلۇپ باشلىقى قۇربانجاننىڭ باشچىلىقىدا كۇلۇپ ھەيئەتلىرى  كېڭىشىپ مۇسابىقە ۋاقتىنى قايتا ئۇرۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. 13. كەڭ ھەۋەسكار دوستلار كۇلۇبىمىز تەشكىللىگەن مەشىق ۋە مۇسابىقىلەردىن باشقا ۋاقىتتا كەپتەرلىرىنى مەشىققە سالماقچى بولسا،ئوز ئالدىغا قاتناشنى ھەل قىلىشى بىختەرلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك. مەسىلە كۆرۇلسە بارىلىق ئاقىۋەتكە ئوزى ئىگە بولۇدۇ. كۇلۇپ بىلەن مۇناسىۋېتى يوق. 14.ھەرقانداق بىر ئەزانىڭ مۇسابىقە جەريانىدا ساختىپەزلىك قىلىشغا بولمايدۇ ناۋادا سىزىلىپ قالسا كۇلۇبىڭ بارلىق چىقىملىرىنى تولەيدۇ.كۇلۇپتىن چىكىندۇرلىدۇ.ھەرقانداق بىر ئەزانىڭ ئۇرۇش جەدەل قىلىشى،ۋە ئوسەك گەپ سۇزلەنى تارقىتىشقا جەمىيىەت مۇقۇملۇقىغا تەسىر يەتكۇزۇشكە بولمايدۇ.مۇشۇ لايىھە ئوقۇپ چۇشەندۇرلۇپ بولغاندىن كىيىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توختام شەكىللەنگەن بولۇدۇ.بارلىق ئەزالار باشقۇرۇشقا ئەمەل قىلىشى لازىم. 15. مۇسابىقىدىن ئىككى ھەپتە كىيىن مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇچاغدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرنى،كەپتەر قان سېستىمىسى چۇشەندۇرلۇشىنى ۋە كەپتەرنىڭ ھالقا كارتىسىنى بىرگە ئېلىپ كىلىشى كېرەك. بولمىسا مۇكاپات ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، كىيىنكى كەپتەرگە سۈرۈپ مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇسابىقە ئاياقلىشىپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۈچ تۈرلۇك مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن كەپتەرلەرنى مۇكاپاتلاش، تالاشتۇرۇپ سېتىش پائالىيىتى ئىلىپ بېرىلىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىگە كىرگەن كەپتەرلەرنى سۈرەتكە تارتىپ توردا ئېلان قىلىش ئارقىلىق سىرتتىنمۇ خېرىدار چاقىرىلىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىگە كىرگەن كەپتەرلەرنىڭ باشلنىش باھاسى 500.00 يۈەن بولىدۇ. قالغانلىرىنىڭ باشلىنىش باھاسى 200.00 يۈەن بولىدۇ. تالاشتۇرۇپ سېتىشتىن قىلغان كىرىمنىڭ %10 تى كۇلۇبىمىزغا كىرىم قىلىنىپ، خىراجەت قىلىنىدۇ، يەنە %10 تى يىغىن ئىشلىرى خىراجىتى قىلىنىدۇ، قالغان %80 تى كەپتەر ئىگىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. 16. مۇسابىقىدە ۋاقتىدا بىردەك ئۈرۈمچى ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. كەپتەرلەرنىڭ شىنجاڭ ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 6:30دىن 10:30 بولغان ۋاقىتتا قۇيۇپ بىرلىشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 17.بۇمۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش لايھىسىنى چۇشەندۇرۇش ھۇقۇقى قۇملۇق بەيگە كەپتەر كۇلۇبىدا ئالاقىلاشقۇچى:قۇربان ئەمەر              13899293732،18083967312              يالقۇن ئابدۇ رازىق         18095887770                  ياسىن ئەمەر              18196339178               پەرھات مەمەتزايىت         13364721974               قاسىم ئابدىريىم             13709976494 كەلپىن ناھىيە قۇملۇق بەيگە كەپتەر كۇلۇبى 2015-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى  

评论

↑回顶部